بىلوگىمغا كېلىپ تۇرشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ، بىلوگىمدىكى مەزمۇنلاردىن كىچىككىنە بولسىمۇ مەنىۋى ئوزۇق ئالالىغان بولسىڭىز ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ !!"
  • كەيىپنىڭ بايانى

    كەيىپنىڭ بايانى

    ئۇخلاپ قوپۇپ سەھەردە ئالماي تۇرۇپ چاپاقنى ،
    ناشتىلىقنىڭ   ئورنىغا   ئالماشتۇردۇم   قاپاقنى ،
    بىكارغىلا ئىچ  پۇشۇپ ئىزلەيتتىم كەچ قاۋاقنى ،
    ئىچىۋېلىپ مەست بۇلۇپ چاقاتتىم ئاش تاۋاقنى ،
    كىملا كۆرسە  تونۇيتتى، مەندەك  ئۇرۇق  ئاۋاقنى ،

    شۇ كەيپنىڭ ئويىدا ، پۇل تېپىشنىڭ كويىدا ،
    ماڭدىم ئاخىر ئامالسىز قار جەمىيەت يولىدا ،

    داۋامىنى بۇيەردىن ئوقۇڭ !

  • جەمىيتىمىزگە نەزەر

     

     جەمىيتىمىزگە نەزەر

     
    بۇزۇلۇپ كەتتىغۇ ھازىر ئەجەپ جەمىيەت .
    ئويلايلى  نىمە ؟ شۇنداق بۇزدى نىيەت .
    كۆرۈپ  بىز  دىلبۇزۇرنى تېلىۋىزور دەپ .
    پەيدا   بولدى   ماناشۇنداق   ۋەزىيەت .

    كۆرۈپ دىلبۇزۇرنى  بالىلار  يانىدا .


     بۇ سېئىر لارنى بىر دوستۇم ئۆزقولى بىلەن يېزىپيتىكەن جەمىيتىمىزدىكى بىرقىسىم كىشىلىرىمىزگە ئازدۇر-كۆپتۇر مەنىۋى تەربىيە بىرەمدىكىن دەپ يوللاپ قويدۇم .

    داۋامىنى ئوقۇڭ !

  • مۇسۇلمان ئاياللىرىمىزغا تەۋسىيە - [ئىسلام]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلوگىمنىڭ ئەزىز مىھمانلىرى . ياخشىمۇسىلەر . بۈگۈن سىزلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم بولسا مۇشۇ تۆۋەندىكى لىنتىنى ئاخرغىچە تۈگۈتۈپ بىرقېتىم ئاڭلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .  ئەگەر چۈشۈرۈۋالماقچى بولسىڭىز بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ
  • ئۇيغۇر يۈرىكىدىكى داغ - ئاتۇ قىرغىنچىلىقى - [تارىخى ماتىرىياللار]


                1918-يىلى يېڭىدىن تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتنىڭ ئالماتادىكى 
                قىزىل گۇۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ يەتتسۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا
                قۇيۇق قىرغىن قىلشىدەك ۋەقە يۈزبەردى.مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى يوقىتىش
                تۈسنى ئالغان بۇ ۋەقە ، يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۈرگىدە مەڭگۈ
                ساقايمايدىغان جاراھەت قالدۇرۇپ ئاتۇ پاجئەسى دەپ ئاتالدى.
                   پۈتۈنلەي<< ئىنسانىيەتنىڭ ئازاتلىقىنى ، دۇنيادىكى ئىزىلگۈچىلەرنىڭ
                ئازاتلىقىنى>> ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈ نىشانى دەپ ئېلان قىلىپ ، كومۇنىزىم
                ئۈچۈن تىرىشىش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىغا دىققەت قىلۋاتقان
                ياش سوۋىت دۆلىتى قۇرۇلىۋاتقان ئاشۇ يىللاردا نەمە ئۈچۈن مۇشۇنداق
                پاجىئە يۈزبىرىدۇ؟


  •             ئاسارەت زەنجىرى بىرلە، ھاقارەت خەنجىرى بىرلە،

                سىياسەت نەشتىرى بىرلە ئېزىلدىڭ خارلىنىپ ھەر ئان.

                سېنى باسقۇنچى خۇنخارلار، زەھەر — بۇزغۇنچى بەدكارلار،

                يۇتۇشقا قۇردى مىكىرلار، خەتەرلىك تور – توزاق قاپقان.

                ئاسارەت زەنجىرىن ئۈزگىل، شەرەپ شانىڭنى تىرگۈزگىل،

                دىنىي ئەركىنلىكنى يۈرگۈزگىل سەن ئولساڭ ۋارىسى تۇران.

                سېنىڭدىن ئۆزگە مىللەتلەر، قىلىپ ھۆرلۈككە ھىممەتلەر،

  • ئىسلام دىنىمىزدىكى پەرىزلەر «يەنى 40پەرىز » - [ئىسلام]

      40پەرىز
         
               
    ئىسلامدىكى بەش پەرز تۆۋەندىكىچە .
                1.ئىماننى ئوبدان بىلىش،چۈشىنىش.
                2.بەش ۋاخ نامازنى ۋاقتىدا، تەرك قىلماي ئوقۇش.
                3.رامىزاندا،چوقۇم روزى تۇتۇش.
                4.پۇل-مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىش.
                5.ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەجگە بېرىش، ھەجگە بېرىشقا قۇربى
                يەتمىسە،نامازنى ۋە جۈمئە نامېزىنى  تەرك قىلماي ئوقۇش.

          
                 ئىماندىكى يەتتە پەرز تۆۋەندىكىچە .
         
           1. اللانىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش

    داۋامى           

  •  

    مەرىپەت مەشئىلى  مەرھۇم دىنىي ئالىم ئەھمەد ئاخۇن داموللام

    قاراقاشنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن، ھەتتا گۇما، قاغىلىق، خوتەن، كېرىيە قاتارلىق جايلاردىنمۇ كىشىلەر بالىلىرىنى ئەكېلىپ داموللامنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇشقان. شۇ مەزگىللەردە داموللامنىڭ قەشقەردىكى ساۋاقدىشى، «قۇران كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە تەقرىز يازغان ئاتاقلىق ئۆلىما ئابدۇلھېكىم مەخسۇممۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەھمەد داموللامنىڭ تەربىيىلىشىگە ئەۋەتكەنىكەن.

    پەننىي مائارىپ تېخى رەسمىي راۋاجلىنىش شارائىتىغا ئىگە

     داۋامىنى بۇيەردىن ئوقۇغايسىز .

  • ھەقىيقەتەن كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ - [ئىسلام]


           ھەقىيقەتەن كۈرۈشكە ئەرزىيدۇ !

                جەننەتنى ئارزۇ قىلغۇچى- ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى تىزلەتسۇن .
                دوزاختىن قورقۇچى _ بارلىق ئارزۇ ھەۋەسلىرىنى توختاتسۇن .
                ئۈلۈمگە ئىشەنگۈچى - خۇشاللقنى توختاتسۇن .
                پانىي دۇنيانى چۈشەنگۈچى - بارلق بالا _ قازانى رازىمەنلىك بىلەن قۇبۇل 
                
        قىلسۇن .

     

                بىر ئادەم گۇناھ قىلغاندىن كىيىن ئاللاھ 4 خىل شەكل بىلەن ئۇنىڭغا
                رەخمەت قىلدۇ .
                ئۇنىڭغا بىر ۋاقىتتا

  • تەۋسىيە :ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى!

     

       بۇماقالىنى ھەربىرىمىزنىڭ بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىشىڭلارنى ئۇمىت قىلىمەن  .         

                            

    ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى!              

    ئۇيقۇڭىز قاچقان تۈنلەردە دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەملەرنى، زۇلۇم-سىتەملەر، ئالۋاڭ-سېلىقلارنى، ئېتىقادىغا، ئەقىدىسىگە قىلىنىۋاتقان ھاقارەتلەر، كەمسىتىشلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ چەكسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولىدىغانسىز. سەۋەبىنى بىلىشكە، ماھىيتىنى ئېنىقلاشقا ئىنتىلىدىغانسىز. نەتىجىدە جىنايەتنى گاھ مىللەتنىڭ تەكلىماكان سۇكۇناتلىقى چوڭقۇر سىڭگەن پىسخىك ھالىتىگە، گاھ ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئېنىق يورتۇلمىغان دىنني ئېتىقادىغا يۈكلەپ كۆرىدىغانسىز. بۇ نۇقتىدا ئۆزىڭىزدىن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، ئىللەتنى تېپىپ، ئىسلاھات يولىنى تۇتۇش غەرىزىڭىز بولسا، قېنى تۆۋەندىكى قالايمىقان قۇرلار ئارىسىدىن قەلب جاراھىتىڭىزگە تەسەللى بولىدىغان مەنالارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ!.  

     

     ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ .

  • ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ قىسقىچە ھاياتى - [تارىخى ماتىرىياللار]

          (1925 ـ1993)        

     

          ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 12 يىللىقىنى ئەسلەيمىز.

          جانابى اﷲ دىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋە ئاتىسى ئابدۇلجېلىل

          داموللاھاجىملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز

     

          ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، يىتوك ئالىمى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1925 ـ

          يىلى دىيارىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ھەممىگە تونۇلغان ۋەتەن،

          مىللەتكە سادىق دىنى زات ئابدۇجىلىل داموللاھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

          ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يەنىلا بىز ئۇنىڭ

          دادىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىمنىڭ ھايات قىسسىلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى

          چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

     

          ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي زومىگەر شىڭ شىسەينىڭ چىرىك

                    تولۇق ئېلىكتىرونلۇق كىتاپ نۇسخىسىنى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

  • 2009-04-08

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    تۆۋەندىكى فىلىم ئولچەملىك ناماز ئوقۇشنى ئۆگۈنۈش ئۇسۇلى



  • سىناق تىما


          تەپەككۇر ئەيلىگىن دوستۇم تېنىڭنى، يەتتە ئەزانى،
          نىمىشقا زاۋۇتقا ئوخشايدۇ، يېرىپ كۆرگەندە ئىچ قارنى.
          يۈرەك، تال، جىگەرلەردە نېچۈن ئايلىنار قان...


  •  پەزىلەت مۇسابىقىسى

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي خېلى كۆپ قەبىلىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى تاشلاپ ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى دىنلىرىغا قايتىپ كېتىشكەن ئىدى. بەزى قەبىلىلەر بولسا زاكات بېرىشنى رەت قىلىشتى. ئەبۇ...

  •  جىھادقا تەييارلىنىش.

     ئىسلام قوشۇنى ئىراقتا ئىران قوشۇنى بىلەن، شامدا بىزانىس قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشىۋاتاتتى. بۇ ئۇرۇش يېڭىدىن قۇرۇلغان ياش بىر دۆلەت بىلەن دۇنياغا ھاكىم بولۇپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىۋ...
  •  

     قۇللۇق

     بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شامدا يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرغاچ ئۇلارغا دىنلىرىنى ئۆگىتىۋاتاتتى. ئۇلاردىن بىرسى:
     -ئىسلام، ھاراق، قىمار، زىاغا ئوخشاش نۇرغۇن نەرسىلە...

  •  ئاغرىنىش

     ئامۋاس كەنتىنىڭ ئۈستىگە قاراڭغۇلۇق ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ پەردىسىنى قېلىن چۆمكىۋەتكەنىدى. بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) كارۋىتىغا بېرىپ ياتتى. كۆزلىرى ئۇيقۇسىراپ كەتكەنىدى. ئاخىرى تاتلىق ئۇيقۇ قوينىغا بۆلەندى. ھەممە كىشىلەر...

  •  ۋىسالىغا يېتىش
     (ياخشى كۆرگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش)

     ناماز ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ھەممە ئادەم ئۆز ئىش كۈشلىرى ئۈچۈن مەسجىدتىن ئايرىلىپ ئۆز يوللىرىغا مېڭىشتى. ئۆمەر(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) بىلەن بىلال (رەزىيەللاھ...

  •             شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەسجىدتە
                قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلغان كىشى مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا
                ھاجىمدۇر.
                ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11 ـ ئەسىردە ئۆتكەن تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد
                كاشغەرىنىڭ يېگانە ئەسىرى ― «دىۋانى لۇغاتىتتۈرك» كىتابىنى تەرجىمە
                قىلىشقا خوتەندىن مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان كىشىمۇ مەرھۇم مۇھەممەد
                قۇربان داموللا ھاجىم ئىدى.
                خوتەندىكى خېلى ـ خېلى ئۆلىمالار ھەل قىلالمىغان مەسىلىلەردە مۇراجىئەت
                قىلىنىدىغان كىشى مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىم ئىدى.
                
                ئاتاقلىق دىنى ئالىم، مەشھۇر جامائەت ئەربابى مۇھەممەد قۇربان داموللا
                ھاجىم تەخمىنەن 1932 ـ يىللىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا

  •       پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 -كۈنى ئەرەپاتقا چىقتى ۋە بۇ
          يەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلىنغان ئۇلۇغ نۇتقىنى
          سۆزلىدى. نۇتۇقنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

          "ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمىز، ئاللاھتىن كەچۈرۈم
          سورايمىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ
          يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان
          ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت
          قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا
          ھېچقانداق ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى
          مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.

  • ئىسلام دىنىمىزدىكى مۇھىم شەخسلەر - [تارىخى ماتىرىياللار]

     
                      1.   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: مۇھەممەد  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
                      ھەممىمىزگە تونۇشلۇق...
                      
                      تۆت ئىزباسار خەلىپە
                      
                      2.   ئەبۇبەكرى:  مۇرتەدلەرگە ئۇرۇش ئاچقان،
                      قۇرئاننى تۇنجى بولۇپ جەملىگەن. شام، ئىراق تەرەپلەرگە قوشۇن
                      ئەۋەتكەن، لېكىن خەلىپىلىكى ئىككى يىللا داۋاملاشقان.
                      3.    ئۆمەر بىننى خەتتاب: ئەبۇبەكرىدىن كېيىن
  • مۇھەممەد سالىھ داموللا بىلەن تونۇشۇڭ - [تارىخى ماتىرىياللار]

    ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولسا، ئىككىنچىسى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەق 1000 يىلچە ئۆتكەن. (981- 1981). ئىسلام ھەر مىڭ يىلدا بىر گۈللىنەرمىش. قارىغاندا بۇ گەپمۇ توغرا بولسا كېرەك. تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈڭلار.

  •  [نەبىجان تۇرسۇن ماقالىلىرى] 
    داۋامى
    تۈركىستان باتالىيونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھەربىي فورمىسى، مىللىي بايرىقى بولۇپ، ھەر بىر باتالىيون ۋە روتىلارغا ئىماملارنى بېكىتىلگەن .ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىچە رۇخسەت قىلىنغان. قوشۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرى گېرمانلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، 162-تۈركىستان دىۋىزىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى گېنېرال مايور ئۇنۋانىدىكى گېرمان ئوفىتسېرى ئۈستىگە ئالغان. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىستان مىللىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ گېرمانىيىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەسلىك خاھىشلىرى ھەمدە ھوقۇق تالىشىش قاتارلىق ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان بولۇپ، مۇستاپا چوقاي گېرمانىيىنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى بويىچە تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تۈركىستان' غا ئەۋەتمەستىن بەلكى، باشقا جايلارنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى خاراپلاشتۇرغانلىقىغا نارازى بولغان.
    بىراق، قازاقىستانلىق تارىخچىلار مۇستاپا چوقاي ھەققىدە يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چوقاي 1940-يىلى گىتلېر
  • ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇمھاجىمنىڭ تەرجىمھالى - [تارىخى ماتىرىياللار]

    ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇمھاجىمنىڭ تەرجىمھالى    

    ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم  1925 ـ1993)
    بۇ ماقالا قايتا تۈزۈتۈلدى 

    ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 12 يىللىقىنى ئەسلەيمىز. جانابى اللە دى...
  • ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ - [تارىخى ماتىرىياللار]

    ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﺑﺎﻗﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ 1883 - ﻳﯩﻠﻰ، (مىلادىيە - ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﻕ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻗﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﺘﻪ ﺋﻮﻗﯩﻐﺎﻥ. 1910 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﮬﻪﻡ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. 1914 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯜﻳﺪﯛﯕﺪﻩ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮬﺎﺟﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، << ﺭﻩﺳﺘﻪ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ >> ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ
  • ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش - [سۆز قالدۇرۇڭ !]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئەلنىدا ئىسلامى بىلوگى مەخسۇس ئىسلام تەشۋىقاتلىرى،قوشۇمچە كومپىيۇتېر بىلىملىرى ۋە  internet دۇنياسىدىكى  نادىر يازمىلار، ۋە شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ يازمىلىرىنى خاتىرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىلوگ. بىلوگىمىز ھەر قايسى بىلوگىر دوسلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرلەش مەقسىتىدە ئۆز-ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  • ئازادلىقتىن ئىلگىرى خوتەندە قۇرۇلغان شۆتاڭلار
    روزىمەھەممەت توختى، مەھەممەت ئابلا سىدىق
    شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلار ئىچكىرىدىن ئەۋەتىلەتتى، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرىنىڭ ئارىلىقى ي...
  • 10 مىنۇتلۇق ھەقسىزE-mail كورۈپ باققانمۇ؟ - [پايدىلىق قوراللار]


    بەزىدە توردا ھەرخىل مۇلازىمەتلەرگە تىزىملاتقان چېغىڭىزدا سىزدىن توختىماي E-mail ئادرېس كىرگۈزۈشىڭىزنى سورايدۇ، كىرگۈزگەندىن كېيىن يەنە E-mail غا بېرىپ ئۇلار بەلگىلىگەن ئۇلانما ئارقىلىق ئاكتىپلىغاندىن كېيىن، ئاندىن كېيىنكى مەشغۇلاتقا ئۆتەلەيسىز.بە...
  • ئىسلام ئالىمى ئىبنى تەيمىيەنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
      
     (ھىجىرىيە 661-يىلىدىن 728-يىلىغىچە، مىلادى 1263-يىلىدىن 1328-يىلىىغىچە ياشىغان)                                                                               
      رەببانى ئىمام  ئۆزىىدىكى بىباھا بىلم دۇردانىلرى، تەقۋالىقى ۋە دىيانىتى بىلەن، ئۈممەت ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ‹‹ئۈممەتنىڭ مۇفتىسى، ئىلىم دېڭىزى، قارىلارنىڭ شەيخى››  قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا مۇيەسسەر بولغان. ئۆز دەۋرىدىكى تەڭداشسىز بىر ئالىم ئىدى. شەيخۇل ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى، زاھىدلارنىڭ يىتەكچىسى، ئابىدلار قاتارىدا مىسلىسىز، بىدئەتچلەرنىڭ دۈشمىنى ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ ئىدى.
  • ھىكمەتلىك سۇزلەر

    ھىكمەتلىك سۇزلەر

          ئاللاھتائالا  ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىم ھىكىمەت،روھى لەززەتنى ئاتا قىلغان
          بولۇپ،ھېكىمەت ئىلىمى دۇنيادا زۇر تەسىر كۇرسىتىدۇ ، ئەمىسە تۇۋەندىكى
          ھېكىمەتلەرنى كۇرىپ بىقىڭ !
          1. ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .
          2. تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن.

  •  2-دۇنيا ئۇرۇشى-  ئۇيغۇر قاتارلىق    تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭمۇ  پاجىئەسى -1

    نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى) 

    5-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان "غالىبىيەت بايرىمى" كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە ھەم باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەتلەر 9-ماي كۈنىنى غالىبىيەت كۈنى سۈپىتىدە 63 يىلدىن بېرى ئىزچىل خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئىنسانىيەتكە ئېغىر بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن

      ...

  • ئۆمەر مۇختار روھى - [تارىخى ماتىرىياللار]


    ئۆمەر مۇختار روھى
    ت. شەھىدى
    مۇھەممەد ئەسەد سۆزلەپ بېرىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ:
    «ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆمەر مۇختار ئات ئوينىتىپ چىقىپ كەلدى، ئۇ بۇينىغا بىر پارچا ئاق رەخ پارچىسى تاشلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىد..
  • بىلوگىمنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز - [سۆز قالدۇرۇڭ !]


      بىلوگىمنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز...
      ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم تورداش!
         ئەگەردە بىلوگىمنى ئۇلىنىش قىلماقچى بولسىڭىز،
      بىلوگ ئادرىسى : http://alnidaislami.blogbus.com
      بىلوگ تۇغ ئ...
  • ئىككى مەشھۇر شەخس (قىسقىچە تەرجىمىھالى - [تارىخى ماتىرىياللار]

      (ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدىلھۇزەلىي، ئەبۇ
          ئابدۇراھمان
    ) )ھ ?-32 / م ?-653). ئىسلامنىڭ دەسلىپىدە مۇسۇلمان بولغان كاتتا